Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىڭجۆ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى جياڭسۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى سەنشەن كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1368 - يىلى سېلىنغان. 1430 - ۋە 1435 - يىللىرى چوڭ رېمونت قىلىشنى تەستىقلاپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان. 1492 - يىلى چوڭ رېمونت قىلىنغان. تەيپىڭتيەنگو نەنجىڭنى ئالغاندا، مەسچىتنى بۇزۇپ ئوردا سالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدىكى گۇاڭشۇ، شۇەنتۇڭ يىللىرىدا بۇ مەسچىت يەنە قايتا سېلىنغان. بۇنداق كۆركەم مەسچىت مەملىكەت ئىچىدە ئاز تېپىلىدۇ. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى ۋاڭ دەييۈي، ليۇجى، ۋۇزۇڭچى قاتارلىق ئۆلىمالار مۇشۇ مەسچىتتە پائالىيەت قىلغان.