Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
脊椎动物学
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار زوئولوگىيىسى
زوئولوگىيىنىڭ مۇھىم بىر تارماق پېنى، ئۇ ھەر خىل تۈركۈمدىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، بۆلۈنۈشى، فىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، پەيدا بولۇشى، تارقىلىشى، تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەمدە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار خوردىلىق ھايۋانلار تىپى ئىچىدىكى سانى ئەڭ كۆپ، تۈزۈلۈشى ئەڭ مۇرەككەپ، تەدرىجىي تەرەققىياتتىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرى زور بىر تۈركۈم شۇنداقلا ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان تۈركۈم، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مانىۋى تۇرمۇشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى چۈشىنىشتە قىممەتلىك ئىلمىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئورمۇتقىلىق ھايۋانلار زوئولوگىيىسى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي پايدىلىنىش، كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىپ بەردى. ئاساسلىق تارماقلىرىدىن ئىختىئولوگىيە، ئونىتولوگىيە، ماممالوگىيە قاتارلىق تارماقلار بار.