Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
济物溥条约
دۇنيا تارىخى
جىۋۇپۇ شەرتنامىسى
چاۋشيەن ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. 1882-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى دايۇەنجۈن باشچىلىقىدىكى بىر مەزھەپ كىچىك خانىكە مىن تەرەپدارلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى ئارمىيىنى باشقۇرۇۋاتقان مىن چيەنگاۋ، پايتەخت مۇپەتتىشى جىن پۇشۇەن قاتارلىقلارنى ۋە ياپونىيە ھەربىي ئوقۇتقۇچىسىنى ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياپونىيە ئەلچىسى خانافۇسا گىشىتسۇ (1842 - 1917) ئەلچىخانىغا ئوت قويۇۋېتىپ، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ۋەقە ئۆتكەندىن كېيىن، ياپونىيە فانافۇسا گىشىقسۇ باشچىلىقىدا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئىنچۇڭقا ئەۋەتىپ، چاۋشيەننى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى جىۋۇپۇدا مەزكۇر شەرتنامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: قاتىلنى جازالاش؛ ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلەتەۋەسىگە نەپىقە بېرىش؛ 500 مىڭ ياپونىيە يىنى تۆلەش؛ ياپونىيە ئەلچىخانىسىدا مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى تەسىس قىلىش ھەمدە ئۇلارغا چاۋشيەن تەرەپ گازارما سېلىپ بېرىش؛ ياپونىيىگە ئەلچى ئەۋەتىپ گۇناھىنى تىلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە چاۋشيەندە ئەسكەر تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان.