Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
竟争
بىئولوگىيە
رىقابەتلىشىش
ئادەتتە بايلىق مەنبەلىرى (ئوزۇقلۇق، ماكان ۋە باشقا ئامىللار) نىڭ سانى ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا جانلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئېلىشىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۈر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان رىقابەتلىشىش تۈر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت دەپ ئاتىلىدۇ. تۈر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئوخشاش بولمىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر تۈرنىڭ ئورنىنى باشقا بىر تۈر ئىگىىۋالغاندا تۈرلەر ئوتتۇرىسىدا تۇراقلىق بولمىغان تەڭپۇڭ ھالەت ۋە تۇراقلىق بولغان تەڭپۇڭ ھالەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تۇراقلىق بولغان تەڭپۇڭ ھالەت رىقابەتلىشىۋاتقان تۈرلەر بەلگىلىك مەنبەنى ئىگىلەپ تۇرغاندا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكىدىكى سازلىقلارغا سېرىق قوشقاچنىڭ ئىككى تۈرى تارقالغان بولۇپ ئۇنىڭ بىر تۈرى قىزىل قاناتلىق سېرىق قوشقاچ، يەنە بىر تۈرى سېرىق باشلىق قوشقاچ دېيىلىدۇ. ھەر ئىككىسى ئاساسەن ئوخشاش ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئالدىنقىسى سۈيى تېيىزرەك بولغان قىرغاقلارغا، كېيىنكىسى سۈيى چوڭقۇر بولغان ئورۇنغا تارقىلىپ، ئۆز ئارا ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ. بىر تۈرىنىڭ سانى يەنە بىر تۈرىنىڭ سانىغا دائىم تەسىر قىلىپ تۇرىدۇ. بالدۇر يېتىپ كەلگەن قىزىل قاناتلىق قۇشقاچ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش دائىرىسىدە ھەرىكەتلىنىدۇ. ئەگەر قىزىل قاناتلىق سېرىق قوشقاچ كەلمىسە سېرىق باشلىق قۇشقاچ قىرغاققىچە كېڭىيىۋاتىدۇ.
قانۇن
jìng zhèng
رىقابەت، رىقابەتلىشىش