Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
经济互助委员会
دۇنيا تارىخى
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى
1949 - يىلى 1 - ئايدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، بۇلغارىيە، ۋېنگرىيە، پولشا، رۇمىنىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەر موسكۋادا كېلىشىش ئارقىلىق قۇرۇلغان. كېيىن ئالبانىيە (1949 - يىلى 2 - ئاي)، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە (1950 - 9 - ئاي)، موڭغۇلىيە (1962 - يىلى 6 - ئاي)، كۇبا (1972 - يىلى 7 - ئاي) ۋە ۋېيتنام (1978 - 6 - ئاي) قاتناشقان. يۇگوسلاۋىيە، فىنلاندىيە، ئىراق، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. لائوس، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئانگولا قاتارلىق دۆلەتلەر كۆزەتكۈچى قاتارىدا بەزى يىغىنلارغا قاتناشقان. 1961 - يىلى 12 - ئايدا مەزكۇر كومىتېتنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدىن ئېتىبارەن، ئالبانىيە بۇ كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى توختاتقان. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى قۇرۇلغاندا جاكارلىغان. مەقسىتى: باراۋەرلىك، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىقتىسادىي ياردەم، تېخنىكا ھەمكارلىقى ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتىدا كومىتېت يىغىنى، ئىجرائىيە كومىتېت، دائىمىي كومىتېت ۋە كاتىبات باشقارمىسى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس كەسپىي خاراكتىردىكى بىر قانچە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مەسىلەن: بىرلەشمە سانائەت تەشكىلاتى، خەلقئارا پولات - تۆمۈر سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا خىمىيە سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا شارىكلىق ئوق سانائىتى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، خەلقئارا پەن - تېخنىكا ئاخبارات مەركىزى، بىرلەشمە ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنى، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بانكىسى ۋە خەلقئارا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قاتارلىقلار بولغان. باش شتابى موسكۋادا تەسىس قىلىنغان.
قانۇن
jīng jì hù zhù wěi yuán huì
ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز ئارا ياردەم بېرىش كومىتېتىDپۇل - مۇئامىلە
jīng jì hù zhù wěi yuán huì
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كومىتېتى