Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
近代
قانۇن
jìn dài
يېقىنقى زامانDئۇنىۋېرسال
jìn dài
يېقىنقى زامان
دۇنيا تارىخى
يېقىنقى زامان
يەنى كاپىتالىزم دەۋرى (كۆپرەك ياۋروپا كۆزدە تۇتۇلىدۇ). تارىخشۇناسلىقتا ئادەتتە 1640 - يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن باشلىنىپ، 9171 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىغىچە بولغان دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. نېدىرلاندىيە ئىنقىلابى ياكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى باشلىنىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار. ياۋروپا - ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرى ئىچىدە يەنە <ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى> ياكى <جۇغراپىيىۋى ئۇلۇغ كەشپىيات> قاتارلىقلارنى باشلىنىش قىلىش كېرەك، دەپ ھېسابلايدىغانلىرىمۇ بار. يېقىنقى زامان تارىخى ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ: كاپىتالىزمنىڭ تىكلىنىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش دەۋرى. بۇ، 1640 - يىلىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىن تارتىپ 1871 - يىلىدىكى پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابى ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ جاھانگىرلىكنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى. بۇ، 1871 - يىلىدىكى پارىژ كوممۇنا ئىنقىلابىدىن تارتىپ، 1917 - يىلىدىكى روسىيە ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تارىخىدا يېقىنقى زامان ئادەتتە 1840 - يىلىدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن تارتىپ، 1919 - يىلىدىكى <4 - ماي> ھەرىكىتى ھارپىسىغىچە بولغان يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.