Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
基马尔革命
دۇنيا تارىخى
كامال ئىنقىلابى
كامال ۋەكىللىكىدىكى تۈركىيە سودا بۇرژۇئازىيىسى رەھبەرلىك قىلغان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب. 1919 - 1922 - يىللىرىدىكى تۈركىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنى ۋە 1923 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھات ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئانتانتادىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئالغان. 1918 - يىلى ئاناتولىيە دېھقانلىرى ئالدى بىلەن ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇرغان. ياندۇرقى يىلى كامال جايلاردىكى ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈرك مىللىتى ۋەكىللىرى ھەيئىتىنى قۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. 1920 - يىلى كامال تەرەپدارلىرى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرغان. كامال ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە مىللىي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى سۇلتان خەلىپە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. 1922 - يىلى ئەنگلىيە قوللىغان گرېتسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى سۇلتانلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1923 - يىلى <لوزاننا شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەرنى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كامال ھۆكۈمىتى خەلىپە تۈزۈمىنى بىكار قىلغان (1924)ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت - مائارىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار بۇرژۇئا مىللىي دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان.