Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
吉朗起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىگىلان قوزغىلىڭى
ⅥⅩ ۋە ⅦⅩ ئەسىردە ئىراننىڭ گىلان رايونىدىكى خەلقنىڭ سافى خاندانلىقىنىڭ فېئداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە زۇلمىغا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى. 1570 - 1571 - يىللىرى ۋە 1591 - 1592 - يىللىرى ئىككى قېتىم پارتلاپ، باستۇرۋېتىلگەن. 1629 - يىلى پىلىچىلىك مەركىزى بولغان لاھىجان ۋە رەشتتە يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە شەھەر كەمبەغەللىرى قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان. قوزغىلاڭچىلار پادىشاھ ئەمەلدارلىرىنى قوغىلىۋەتكەن ياكى ئۆلتۈرۋەتكەن، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇ - جايلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەمدە پادىشاھ ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرلەرنى ئىگىلىگەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر قوزغىلاڭچىلار كۈچىدىن پايدىلىنپ ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، يەرلىك خاندانلىقنىڭ ئەۋلادلىرىنى يولباشچى قىلىپ تىكلەپ، <ئادىل شاھ> (<ئادىل پادىشاھ> دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، 1629 - يىلدىكى قوزغىلاڭمۇ ئادىل شاھ قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پادىشاھنىڭ زور قوشۇنى تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان، تەخمىنەن 8000 قوزغىلاڭچى جەڭدە قۇربان بولغان، ئادىل شاھمۇ ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلۈپ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.