Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
介壳
دائىرە: گىئولوگىيەjiè qiào
قاسىراق، پوست، قاپDباغۋەنچىلىك
jiè qiào
قاسىراق، پوستلاق، قاپDئۇنىۋېرسال
jiè qiào
قاسىراقلىق، قاپ، پوست
دائىرە: بىئولوگىيەقاپچۇق
ئاساسلىق مۇلليۇسكلارنىڭ <قۇلۇلە قېپى> نى كۆرسىتىدۇ. ھايۋان تېنى سىرتىدىكى، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاجرىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن، قاتتىق قوغدىغۇچى ماددا. مولليۇسكىلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدە بىر (مەسىلەن، قورساق پۇتلۇقلار سىنىپى). ئىككى (مەسىلەن، كلاپان ژابرالىقلر سىنىپى) ياكى بىر قانچە (مەسىلەن، قوش نېرۋىلىقلار سىنىپى) <قۇلۇلە قاپچۇقى> بولۇپ، پلاستىنكا (تەخسە) سىمان، سپىرالسىمان، نەيچىسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. سىرتقى غىلاپ پەردىنىڭ ئاجرىتىشى بىلەن شەكىللەنگەن، ئاساسىي تەركىبى كالتسىي كاربونات (95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ) ئاز مىقداردىكى خىتىن ماددىسىدىن ئىبارەت. ئادەتتە ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ؛ سىرتى مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋەت، قاپچۇق تېرىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سىرتقى غىلاپ پەردە گىرۋىكىدىن ئاجرىتىلغان خىتىن ماددىسىدىن تەركىب تاپقان، ناھايىتى نېپىز، رەڭگى خىلمۇ خىل، كىسلاتالارنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلاپ ئۆزىنىڭ ئاستىدىكى قەۋەتلەرنى ئاسرايدۇ؛ ئوتتۇرىسى پرىزما قەۋىتى ناھايىتى قېلىن، كالتسىتتىن تەركىب تاپقان. بۇمۇ سىرتقى غىلاپ پەردە گىرۋەكلىرىدىن ئاجرىتىلغان بولۇپ، سىرتقى غىلاپنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يوغىنايدۇ. لېكىن داۋاملىق قېلىنلىمايدۇ؛ ئىچى مەرۋايىت قەۋىتى بولۇپ، يوپۇرماقسىمان ئاراگونىتتىن تەركىب تاپقان، پۈتۈن سىرتقى غىلاپنىڭ سىرتقى يۈزىدىن ئاجرالغان. نۇر سۇندۇرۇش - نۇر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، چىرايلىق تۈسلەرنى ئىپادىلەيدۇ، قاپچۇق بىلەن سىرتقى غىلاپ پەردىسى ئارىلىقىغا چۈشۈپ قالغان سىرتقى جىسىملارنى قاپلاپ مەرۋايىت ھاسىل قىلالايدۇ، قاسىراقلىقلار سىنىپىدىكى بەزى ھايۋانلارنىڭ <قاسىرىقى> نىمۇ <قاپچۇق> دەپ ئاتايدىغانلار بار. لېكىن ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يۇقىرىدىكىگە (قاپچۇق) پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. <قاسىراق> قا قارالسۇن.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8jiè ké
قاپ
پوست
قاسىراق
قاسىراق، قاپ، پوست
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.