Uyghurئاساسىي لۇغەت
جيەنجېن
دۇنيا تارىخى
(688 - 763) جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىدىكى چوڭ راھىب، ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن ياپونىيە لۈيزوڭ مەزھىپىنىڭ پېشۋاسىغا ئايلانغان. ئەسلى فامىلىسى چۈنيۇي بولۇپ، ياڭجۇنىڭ جياڭياڭ ناھىيىسى (ھازىرقى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇ شەھىرى) دە تۇغۇلغان. 41 يېشىدا دايونسى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ بۇتقا تاۋاپ قىلغان، 16-يېشىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلغان. مىلادى 708-يىلى چاڭئەنگە كېلىپ، شىجىسى ئىبادەتخانىسدا راھىب بولغان. كېيىن ئۈچ نومنى ئومۇميۈزلۈ تەتقىق قىلىپ، ۋىناي ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن. 742-يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 1-يىلى، ياپونىيە تيەنچىڭنىڭ 14-يىلى) ياپونىيىلىك تالىپلاردىن رۇڭروڭ، پۇجاۋلار ياڭجۇ دامىڭسى ئىبادەتخانىسىغاك لېىپ، جيەنجىننى ياپونىيىگە بېرىپ، بۇددا تەلىماتىنى تارقىتىشقا تەكلىپ قىلغان. 743-يىلدىن باشلاپ دېڭىزدىن بەش قېتىم ئۆتمەكچى بولۇپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان. 753-يىلى (تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 12-يىلى، ياپونىيە تيەنپىڭ شېڭباۋنىڭ 5-يىلى) 10-ئايدا، ئىككى كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالسىمۇ فاجىن، يۇنجىڭ، سىتو، نىجژشۇ قاتارلىق راھىبلار بىلەن بىرلىكتە، تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن مۇئاۋىن ئەلچى ئوتومۇغا ھەمراھ بولۇپ، ياپونىيىگە بېرىشنىڭ 6-قېتىملىق دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغان؛ ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ساتسۇما (ھازىرقى كاجىما ناھىيىسى) نىڭ ئاكىيۇرا دېگەن جايىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ نۇرغۇنلىغان سارىدا، بۇت، نوم، بۇددا دىنى سيامانلىرى ۋە دورىلارنى ئېلىپ كەلگەن. ئىككىنچى يىلى دوڭ داسى ئىبادەتىخانىسىدا پەرھىز سۇپىسى ياساتقان، شاھىنشاھ شېنۋۇ، تېننو، شياۋچيەن قاتارلىقلار بۇ يەرگە كېلىپ پەرھىز تۇتۇپ، ياپونىيە بۇددا دىنى مۇرىتلىرىنڭ سۇپىغا چىقىپ پەرھىز تۇتۇپ، ياپونىيە بۇددا دىنى مۇرتىلىرىنىڭ سۇپىغا چىقپ پەرھىز تۇتۇشىنى باشلاپ بەرگەن.759-يىلى (ياپونىيە تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 3-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گەنيۇەننىڭ 2-يىلى) تاڭجاۋتىسى ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرۇپ، ۋىنايا مەزھىپىنى تارقاتقان. 763-يىلى (ياپونىيە تيەنپىڭ باۋزىنىڭ 7-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گۇاڭدېنىڭ 1-يىلى) ئۆلگەن. ياپونىيىدە ياشىغان ئون يىل ئىچىدە، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتا زور تۆھپە ياراتقان. ئۇنىڭ شاگىرتى رېخې قۇرۇق سىر بىلەن سۈرىتىنى سىزدۇرۇپ، تاڭجاۋتىسى ئىبادەتخانىسىغا قويغان؛ بۇ سۈرەت 1980-يىلى 4-ئايداجۇڭگوغا كەلتۈرۈلۈپ، ياڭجۇ، بېيجىڭلاردا كۆرگەزمە قىلىنغان.