Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
结盟节
دۇنيا تارىخى
ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە خەلق ئاممىسى بستېلىيە تۈرمىسىنىڭ ئىشغال قىلىنىدىغانلىقىنى خاتىرلەش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن ئىتتىپاق تۈزۈش چوڭ يىغىنى. 1789 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پارىژ خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ باستېلىيە تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، كەڭ خەلق دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك تەلەپ قىلغان، ھەرقايسى بەگلىكلەردىكى مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداش يۈزىسىدىن ئىتتىپاق تۈزۈش پائالىيىتىنى كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرغان. 1790 - يىل 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنت پارىژدىكى مارسېل مەيدانىدا باستېلىيە تۈرمىسى ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەملىكەت بويىچە ئىتتىپاق تۈزۈش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار <مەڭگۈ خەلققە سادىق بولىمىز، قانۇنغا سادىق بولىمىز، كورۇلغا سادىق بولىمىز> دەپ پۇقرالار قەسىمى ئۆتكۈزگەن. لۇئى ⅩⅥ مۇ ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا قەسەم بەرگەن. ئىتتىپاق تۈزۈش بايرىمى فرانسىيە خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.