Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
家族
دىن
jiā zú
جەمەت، نەسەب، قەۋم
ئۇنىۋېرسال
jiā zú
ئۇرۇقداشلىق، ئۇرۇق، قەبىلە
Dتارىخ
jiā zú
جەمەت، قوۋمDتېببىي
jiā zú
جەمەت، ئۇرۇق
دۇنيا تارىخى
جەمەت
ئائىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىكاھ ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ھاسىل بولغان ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تەشكىلىي شەكلى. جەمئىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، جەمەت شەكلى ھامان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ بارغان ۋە تەرەققىي قىلغان. تارىختا ھازىرغىچە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بەش خىل ئاساسىي جەمەت شەكلى مەيدانغا كەلگەن: يەنى، قانداش نىكاھلىق جەمەت، توپ نىكاھلىق جەمەت ۋە ئەر - خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەت. ئۇنىڭ ئىچىدە قانداش نىكاھلىق جەمەت، توپ نىكاھلىق جەمەت ۋە بىر ئەر - خوتۇنلۇق تۈزۈمىدىكى جەمەت ئاساسىي جەمەت شەكلى بولۇپ، ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان مالاياچە، تۇرنىيچە ۋە ئارىيانچە ئۇرۇق - تۇغقانلىق تۈزۈمى ئىجاد قىلىنغان. جۈپ نىكالىق ۋە پارىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى جەمەتلەر بولسا ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى جەمەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئۆتكۈنچى خاراكتېردىكى جەمەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئۇرۇق - تۇغقانلىق تۈزۈمى شەكىللەنمىگەن.