Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
加兹登购买事件
دائىرە: دۇنيا تارىخىگادىسدېن سېتىۋېلىش ۋەقەسى
1853 - يىلى ئامېرىكىنىڭ مېكسىكا زېمىنىنى سېتىۋېلىش ۋەقەسى. ئامېرىكا - مېكسىكا ئۇرۇشى (1846 - 1848) مېكسىكىنى كەڭ زېمىنىنى ئامېرىكىغا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبور قىلغان. لېكىن ئامېرىكا بۇنىڭغا قانائەتلەنمىگەن. ئامېرىكا پۇرسەتپەرەسلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆز ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەراپىدىكى يېڭىدىن بۆلۈۋېلىنغان يەرلەرنى سېتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكا جەنۇبتا تىنچ ئوكيانغا تۇتىشىدىغان تۆمۈريولنى سېلىش ئۈچۈن، مېكسىكىنىڭ شىمالىي رايونلىرىنى تارتىۋالماقچى بولغان. 1853 - يىلى 7 - ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى پىرىس مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، مېكسىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى گادىسدېنغا (1788 - 1858) تەھدىت سېلىش ۋە قىزىقتۇرۇش ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، مېكسىكا ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالدىكى زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە يوليورۇق بەرگەن. نەتىجىدە، 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ھازىر ئامېرىكىغا تەۋە بولغان ئارىزونا ۋە يېڭى مىكسىكا شتاتلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆلىمى 105 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك كېلىدىغان زېمىنىنى سېتىۋالغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 1854 - يىل 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سېتىۋېلىش شەرتنامىسىنى تەستىقلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.