Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جياۋ دېھقانلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
甲午农民战争
jiǎ wǔ nóng mín zhàn zhēng
شەرقشۇناسلار پارتىيىسى قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چاۋشيەن دېھقانلىرىنىڭ 1894-يىلى (جياۋۇ يىلى) فېئودال ھۆكۈمرانلىققا ۋە چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. 1864-يىلى شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ پىرى سۈي جيۇ ئۆلتۈرۈلگەندن كېيىن، شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ مۇرىتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ زۇلمىغا ۋە چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا بارغانسېرى نارازى بولغان. 1892-يىلى كەڭ مۇرىتلار ئۆزلىرىنىڭ پىرىنى ئاقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەت 1893-يىلى يازدا ياپونىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرشتىن ئىبارەت سىياسىي ھەرىكەتكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ ھەرقايسى جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 1894-يىلى 2-ئايدا، شەرقشۇناسلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى چۇەن بىڭجۈن سېللا ئۆلكىسىنىڭ گۇفۇ ۋىلايىتىدە دېھقانلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالغان. ھەممە ئەتراپقا چاقىرىقنامە تارقىتىپ، خەلقنى ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەرنى يوقىتىپ، ياپونلارنى ھەيدەپ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان، كەڭ نامرات دېھقانلار تەرەپ - تەرەپتىن قوشۇپ، كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭ شەكىللەنگەن. شۇ يىلى 5-ئايدا قوغىلاڭچى قوشۇن سېللا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي چونجۇنى ئىشغال قىلىپ، داڭقى تېخىمۇ ئاشقان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، يالغاندىن يارىشىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت بىلەن سۈلھ تۈزگەن. ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى دېھقانلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەتكەن. شۇ يىلى 6-ئايدا، جۇڭگو ۋە ياپونىيە دۆلەتلىرى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقارغان. جۇڭگو - ياپونىيە دۆلەتلىرى چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقارغان. جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، چۇەن بىڭجۈن باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ ياپونىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 10-، 11-ئايدىن كېيىن پۈتۈن مملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىچە كېڭەيگەن. ئەمما كۈچلەر سېلىشتۇرمىسىدا پەرق زور بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگ ياپونىيە ئارمىيىسى شەرقشۇناسلار پارتىيىسى ئىچىگە جاسۇسلارنى كىرگۈزۈپ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. چۈەن بىڭجۈن شۇ يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 2-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى باتۇرلارچە قۇربان بولغان.