Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
甲壳
ئۇنىۋېرسال
jiǎ qiào
قاسىراق، قاپ
بىئولوگىيە
قاسىراق
بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپى، قاسىراقلىقلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ سىرتقى سۆڭىكىدۇر. ئۇ خىتىن ماددىسى، ئاقسىل ۋە ئۇنىڭغا تىنغان كالتسىي تۇزلىرى (ئاساسلىقى كالتسىي كاربونات) دىن شەكىللەنگەن بولۇپ، قوغداش رولىغا ئىگە. كىچىك تىپتىكى تۈرلىرىنىڭ قاسىرىقى نېپىز ھەم سۈزۈك، چوڭ تىپتىكى تۈرلىرىنىڭ قېلىنلاشقان ھەم قاتتىق بولىدۇ. قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ بولۇپمۇ كىچىك تىپتىكىلىرىنىڭ تەن تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى زور بولغاچقا قاسىرىقىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ خىلمۇ خىل شەكىللەرنى پەيدا قىلغان؛ بەزى تۈرلىرىنىڭ قاسىرىقىدا ئېنىق بوغۇملىنىش ھادىسىسى مەۋجۇت، مەسىلەن، خروتسىفالۇس قۇرتىنىكىنى باش، كۆكرەك، قورساق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ؛ ئون پۇتلۇقلاردىن راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ بولسا، باش ۋە كۆكرەك قىسىم قاسرىقى بىرىكىپ ھاسىل قىلغان باش كۆكرەك قالقىنى ۋە بوغۇملانغان قورساق قالقىنى (قاسىرىقى) بولىدۇ، ھەرقايسى تەن بوغۇملىرىنىڭ چېگرىسىدىكى قاسىرىقى نېپىزرەك ھەم يۇمشاق بولۇپ، ھەرىكەتلىنىشكە مۇۋاپىقلاشقان ۋە ھەرىكەتنى كاپالەتلەندۈرگەن؛ يەنە بەزى تۈرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي بوغۇملانمىغان، مەسىلەن، سۇ بۈرگىسى، ئوستىراكودا قۇرتى قاتارلىقلارنىڭ پۈتۈن قاسىرىقى سەدەپلەرگە ئوخشاش ئوڭ - سول ئىككى ياپراقچىنى شەكىللەندۈرگەن.