Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
浆果
بىئولوگىيە
شىرنىلىك مېۋە
گۆشلۈك مېۋىنىڭ بىرخىل تىپى. سىرتىدىكى بىرقانچە قەۋەت ھۈجەيرىدىن باشقا قالغان قىسمى گۆشلىشىپ ئىچىگە شىرنە تولىدۇ. تەركىبىدە ئۇرۇقنىڭ سانى كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم، پەمىدۇر ئەبنۇس. پەمىدۇرنىڭ شىرنىلىق مېۋىسىدە مېۋە پوستى گۆشلەشكەندىن سىرت تۆرەلمە تەختىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلىپ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كاۋا ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىرنىلىك مېۋىسىدە، ياندا ئۆسكەن تۆرەلمە تەختى بولىدۇ، ئاستىدىكى ئۇرۇقدان بىلەن گۈل نەيچىسى قوشۇلۇپ يېتىلىشتىن ھاسىل بولغان مېۋە كاۋىسىمان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ گۆشلەشكەن قىسمى مېۋە پوستى بىلەن تۆرەلمە تەختىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، كاۋا ۋە كۆك كاۋىنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى مېۋە پوستى، تاۋۇزنىڭ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى تۆرەلمە تەختى بولىدۇ. ماندارىننىڭ شىرنىلىق مېۋىسى تۆرەلمە تەختى ئوتتۇرا ئوقتا ئۆسكەن ئۇرۇقداننىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئاپلېسىنسىمان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى مېۋە پوستى تېرىلىشىدۇ، ئىچىدە ماي خالتىسى بولىدۇ؛ ئوتتۇرا مېۋە پوستى شالاڭ بولۇپ، تەركىبىدە قاناللار باغلىمى بولىدۇ؛ ئىچكى مېۋە پوستى خالتىسىمان بولۇپ، خالتا ئىچىدە كۆپ شىرنىلىك بەزلىك تۈكچىلەر بولىدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق قىلىنىدىغان قىسمى.
ئۇنىۋېرسال
jiāng guǒ
شىرنىلىك مېۋىلەر، مېۋە
Dدېھقانچىلىق
jiāng guǒ
شىرنىلىك مېۋەDئورمانچىلىق
jiāng guǒ
شىرنىلىق مېۋەDئۆسۈملۈك
jiāng guǒ
شىرنىلىك مېۋە