Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鉴别培养基
بىئولوگىيە
پەرقلەندۈرگۈچى ئۆستۈرگۈچ
تەركىبىدە مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە بەلگىلەنگەن برىكمە ياكى رېئاكتىپ بولغان ئۆستۈرگۈچ. مەلۇم بىر خىل مىكرو ئورگانىزمنى بۇ خىل ئۆستۈرگۈچتە ئۆستۈرگەندە پەيدا بولغان مەلۇم بىر خىل مېتابولىزم مەھسۇلاتى بۇ خىل ئۆستۈرگۈچتىكى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بىرىكمە ياكى رېئاكتىپ بىلەن رېئاكسىيىلىنىپ مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان رېئاكىسىينى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل رېئاكسىيىگە ئاساسەن مەلۇم بىر خىل مىكرو ئورگانىزم باشقا مىكرو ئورگانىزملاردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۆستۈرگۈچ ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى باكتېرىيىلەرنى تېز پەرقلەندۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ژېلاتىنىلىق ئۆستۈرگۈچ ئارقىلىق ژېلاتىنىنى ئېرىتەلەيدىغان باكتېرىيە بىلەن ژېلاتىنىنى ئېرىتەلمەيدىغان باكتېرىيە پەرقلەندۈرۈلىدۇ؛ نىترات كىسلاتا تۇزى بىلەن گۆش شورپىسىدىن ياسالغان ئۆستۈرگۈچ ئارقىلىق نىترات كىسلاتا تۇزىنى ئوكسىدسىزلايديغان باكتېرىيە پەرقلەندۈرۈلىدۇ؛ ئېئوزىن مېتىلىنلىق ئۆستۈرگۈچ ئارقىلىق ئىچىملىك سۇ بىلەن سۈت ياسالمىلىرىدا ئۈچەي يولى كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ بار يوقلۇقى تەكشۈرۈلىدۇ.