Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
加洛林王朝文艺复兴
دۇنيا تارىخى
كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى
فرانك پادىشاھلىقى كارولىن خاندانلىقىنىڭ ئىمپېراتورى كارولۇس تەختتىكى مەزگىلدىكى (768 - 814) مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆزنى ئالدى بىلەن ⅨⅩ ئەسىردىكى ياۋرۇپا بۇرژۇئا ئالىملىرى قوللانغان. ئىمپېراتور كارلۇس دۆلەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىختىساسلىق كىشىلەرنى يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئوردىدا ئىنستىتۇت تەسىس قىلىپ، جايلاردىكى ئالىملارنى دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالگوئىن، پاۋلۇ دىئاكون، ئېنخارد قاتارلىقلار بىرقەدەر مەشھۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارنى مەكتەپ ئېچىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، گراماتىكا، سىتىلىستىكا، لوگىكا، ھېساب، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، مۇزىكا پەنلىرىنى تەسىس قىلىپ، بۇلارنى <ئەركىن يەتتە ماھارەت> دەپ ئاتىغان؛ ئادەم ئەۋەتىپ قەدىمكى لاتىن يېزىقى ۋە يۇنان يېزىقىدىكى قول يازمىلارنى توپلاتقۇرزغان ۋە كۆچەرتكەن، بۇنىڭ بىلەن كېيىنكىلەر ئۈچۈن كۆپلىگەن قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلارنى ساقلاپ قالغان؛ يەنە ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى ئاچېن (فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ غەربىدە) ۋە باشقا جايلاردا ساراي ۋە ئىبادەتخانىلارنى سالدۇرغان، لېكىن كۆپى ياغاچتىن سېلىنغان بولۇپ، لايىھىلىنىشىمۇ قوپال بولغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كارولىن خاندانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت بۇرۇنقىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كلاسسىك مەدەنىيەتنى <قايتا گۈللەندۈرۈش> نىڭ شەرت - شارائىتلىرىنى ھازىرلاشتىن بەكمۇ يىراقتا تۇرغان.