Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
加德满都国
دۇنيا تارىخى
كاتماندۇ دۆلىتى
نېپالدىكى قەدىمكى دۆلەت. 1482 - يىلى ماللا سۇلالىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لاكشىم ناراسىمخا ماللا تەختتىكى مەزگىلدە (1620 - 1641)، بىر كىشى بىر تۈپ دەرەخنىڭ ياغىچى بىلەن بۈيۈك گۇراكو ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىققانمىش، شۇ سەۋەبتىن پايتەخت كانتپۇر (شانلىق شەھەر دېگەن مەنىدە) كاتماندۇ (ياغاچ بىنا دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغانمىش. پراتاپ ماللا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1641 - 1674)، ئەدەبىيات - سەنئەت قىلىنىپ، مايمۇن ئىلاھى دەرۋازىسى، تۈن ئىبادەتخانىسى، خانىكە كۆلى قاتارلىقلار ياسلىپ، بۇ دەۋر نېپال مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ قالغان. كېيىن ئىچكى نىزا ۋە پاتەن، باتگائون پادىشاھلىقلىرى بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، دۆلەت بارا - بارا زەئىپلىشىپ كەتكەن. 1768 - يىلى گۇركا سۇلالىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.