Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
假单胞菌
بىئولوگىيە
يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە
باكتېرىيىلەرنىڭ بىر ئۇرۇقدىشى. تۈز ياكى سەل ئەگرى تاياقچە باكتېرىيە، 0.5 ~ 1 × 1.5 ~ 4 مىكرومېتر كېلىدۇ، قۇتۇپلۇق ئۆسكەن قىلئاياغلىرى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدۇ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ، ئەمما گرام مەنپىي خۇسۇسىيىتى بولىدۇ. ئوكسىگېن خالايدۇ، بىراق، بەزى سورتلىرى نىترات كىسلاتاسىدىن مولېكۇلا ھالەتتىكى ئوكسىگېننىڭ ئورنىدا پايدىلىنىپ ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدۇ ۋە نىترات كىسلاتاسىنى ئوكسىدسىزلاپ مولېكۇلا ھالەتتىكى ئازوتقا ئايلاندۇرۇىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ھىدروگېن ۋە كاربون چالا ئوكسىدىنى ئېنېرگىيە مەنبەسى قىلىپ قوشۇمچە ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىپ ياشىغاندىن باشقا كۆپىنچىسى خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ چەتتىن ئوزۇقلنىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ئورگانىك ماددىدىن پايدىلىنالايدۇ، ئوزۇقلۇق تەلىپى ئاددىي، تۈرى كۆپ بولۇپ، تۇپراق، تاتلىق سۇ، دېڭىز سۈيى، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەن يۈزى قاتارلىق ھەر خىل مۇھىتقا كەڭ تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆسۈملۈكلەردە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيە بولۇپ ھەر خىل چېكىتلىك داغ ۋە يوللۇق داغ قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، كۆك پېتىچە قۇرۇتقۇچى كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەردە كەپ پېتىچە قۇرۇپ كېتىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى ئادەم ۋە ھايۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ مەسىلەن، ماڭقا يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيىسى ئات، ئېشەك، قېچىر قاتارلىقلاردىكى ماڭغا كېسىلىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولۇپ، ئادەم ۋە باشقا ھايۋانلارغىمۇ يۇقىدۇ؛ ماڭغا يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيىسى ئادەم ۋە بەزى ھايۋانلارنى ماڭقا كېسىلىگە ئوخشايدىغان كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ. مىس كۆكى يالغان يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيىسى بىر خىل پۇرسەت كۈتۈپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باكتېرىيە.