Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىغان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كەمبەغەل، ھېچنەرسىسى يوق، قولى قىسقا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېخىدا سانجىيدىغان نەشتىرى بار چاتقاللار ۋە ياكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر.
تىكەن بولۇپ پۇتقا كىرگۈچە، چىمەن بولۇپ باشقا قادال. سېنىڭ پۇتۇڭغا كىرگەن تىكەن، مېنىڭ كۆزۈمگە كىرسۇن. ئالتۇن توشۇيدىغان تۆگىنىڭ يەيدىغىنى شۇ يانتاق. تۆگىنىڭ مەيلى بولسا يانتاققا بوينىنى ئېگەر. خۇخا سانجىلسا، جاندىن ئۆتەر. شوخسىدىن قورقما، پۇتىقىدىن قورۇق. چىتلاققا جىغان كېرەك. يەر قېرىسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن قېرىسا ئۇرۇشقاق. بىر ئۇرۇشقاقتىن قورۇق، بىر بۇدۇشقاقتىن.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىغانغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك
دەرەخ بولۇپ، نوتىلىرىنى كۈمۈش رەڭلىك تەڭگە تۈكلەر قاپلىغان بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى قىسقا، شەكلى يىپسىمان
تېمىنە شەكلىدىكى تولۇق گىرۋەكلىك يوپۇرماق؛ ئاتىلىقى، ئانىلىقى باشقا - باشقا تۈپلەردە بولىدۇ، گۈلى شۇ يىلى ئۆسكەن شاخلاردىن چىقىدۇ،
گۈللىرى توپلىشىپ قىسقا ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كىچىك ئۈچكىلىك مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى سېرىق، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى كۈزدە پىشقاندا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جىلغا، بىنا ۋە دەريا
بويلىرىدا، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىقلارنى تارقىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 25 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل جىغان مېۋىسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئەمەن سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىشتىھاسىزلىق ۋە ھەزىم ناچارلىقىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىغان مېۋىسىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەر قېتىش، جىگەر قېتىشتىن بولغان ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل جىغان مېۋىسىنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
30 گرام ھۆل جىغان مېۋىسىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 30 گرام ئالما سۈيى، مۇۋاپىق مىقداردا شېكە قوشۇپ قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىش، ئىسسىق ئۆتۈپ ئايلىنىپ قېلىش ۋە ئىشتىھاسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇرۇتۇلغان جىغاننى مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، ھەزىم ئاجىزلىق، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
جىگدە ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال ياكى دەرەخ. گۈلى ئازراق سېرىق بولىدۇ؛ مېۋىسى سوقىچاق، كىچىك ۋە سۇلۇق بۇلۇپ تەمى چۈچۈمەل كېلىدۇ.