Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەئفەرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
دەسلەپكى چاغلاردىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئېقىم بولۇپ، ئالتىنچى ئىمام جەئفەر سادىق (699 - 765) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. جەئفەر سادىق شىئە مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئۆلىما بولۇپ، تەقۋادارلىى، بىلىملىكلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىننى ھەكىم، ئىبنى نۇرىمان، مۆمىنى تەق قاتارلىق ئۆلىمالار يىغىلغاندى. شاگىرتلىرى ئىچىدە فەقىھ ۋ مۇھەددىسلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن فىقھە ۋە ھەدىس ئۆگەندى. مەسلەن، ئەبۇ ھەنىفە ئۇنىڭدىن فىقھە ئۆگەندى. مالىك ئىبنى ئەنەس ئۇنىڭ بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ، شۇنىڭ نامىدا نۇرغۇن ھەدىسنى رىۋايەت قىلدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدە ئىمام جەئفەر سادىق مەدىنىدە مۇددەرىسلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى، ئىناۋىتى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇنىڭدا تەختنى تەمە قىلىدىغان سۆز - ھەرىكەت بولمىسىمۇ، لېكىن خەلىپە مەنسۇر ئۇنى ئوردىدىن نارازى بولدى، دەپ قاراپ، بىر نەچچە قېتىم كۇفەگە ئاپىرىپ، نەزەربەند قىلدى. شىئە مەزھىپىدىكى تارىخچىلار ئىمام جەئفەرسادىقنى خەلىپە مەنسۇر زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ قارايدۇ، جەئفەر سادىق شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ دىنىي تەلىماتىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئىمام ئەقىدىسىنىە تىكلەپ، ئىماملىقنى كىشىلەر تاللىۋالغان ئەمەس، بەلكى ئاللا شۇ ئادەمنىڭ پېشانىسىگە پۈتكەن، دەپ قارىدى. جەئفەر سادىق <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئىمام چوقۇم مول بىلىمگە ئىگە بولۇش توغرىسىدىكى ئەقىدىنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئىمام ئادەتتىكى بىلىملەرگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەخسۇس دىنى بىلىملەرگە ئىگە بولۇشى، <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس ۋە فىقھەنىڭ زاھىر مەنىلىرىگە پىششىق بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەر ئادەتتە چۈشەنمەيدىغان باتىن مەنىلىىرنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. شىئە مەزھىپى ئەمەل قىلغان تەقىيە پرىنسىپى (قىيىن ئەھۋالدا چىن ئېتىقادنى يوشۇرۇش) مۇ مۇشۇ ئېقىمنىڭ ئىزاھلىشى بىلەن تەرەققىي قىلدى. شۇڭا جەئفەرىيەنىڭ ئىناۋىتى يۇقىرى بولدى. كېيىن ئابباسىيلار سۇلالىسى بۇ ئېقىمنى سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىسىگە كىرگۈزمەكچى بولۇپ، بەشىنچى فىقھە مەزھىپى دەپ ئاتاپ، تۆت فىقھە ئېقىمىنىڭ كەينىگە قويدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېقىنقى زامان ئىرەج ئەفشەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى نادىر شاھ (1736 - يىلىدىن 1747 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) شىئە مەزھىپىنىڭ ئىراندىكى تەسىرىنى تۈگىتىش ۋە قوشنىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن، <بەشىنچى فىقھە مەزھىپى> لايىھىسىنى مەجبۇرىي يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى.