Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەۋھەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
گۆھەر، قىممەت باھالىق تاش؛ ئېسىل ماددا:
ئاساس، ماھىيەت.
نادىر، كەم ئۇچرايدىغان.
1. بۇ تاغۇتلارنى ياساپ زەر بىلە،
مۇزەييەن قلىپسەنكى جەۋھەر بىلە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى .
نازۇك ھېس - تۇيغۇلار.
ھايات.
تازا، ساپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قىممەت باھا تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
كۆچمە. بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مېغىزى، يادروسى.
كۆچمە. مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسلىنىڭ ئاساسلىق، ئەھمىيەتلىك قىسمى.
سەنئەت جەۋھەرلىرى.
كۆچمە. مەلۇم ئەجىر، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، نەتىجىسى.
تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرى شۇ كىتابنىڭ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا ئىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بىر نەرسىنىڭ دەل ئۆزى، جەۋھىرى؛ ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى؛ گۈزەل خۇلۇقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
جۆھەر، جۇھەر، جۇھەرگۈل
<گۆھەر>