Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جەنۇبتىكى قەبىلە ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى南方部落联盟
nán fāng bù luò lián méng
1922-يىلى ئىراننىڭ خۇزىستان دېگەن جايدا قۇرۇلغان مىللىي بۆلگۈنچى تەشكىلات. باشلىقى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئەرەب قەبىلىسىدىكى سەلىم ھەزەر - ئىتتىپاق رىزا پەھلىۋىنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشكەن تۈزۈمىگە قارشى چىقىپ، ئەنگلىيىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن <مۇستەقىل ئەرەب دۆلىتى> قۇرۇش توغرىسىدا جار سالغان. 1924-يىلى پادىشاھ ئەخمەت شۇنىڭدەك بەختىيارلارنىڭ بەگلىكلىرى بىلەن بىرلىىشپ پادىشاھ رىزانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان. 1924-يىلىنىڭ ئاخىرى پادىشاھ رىزا ئارمىيىسنىڭ ھۇجۇم ئاستىدا ئاخىر سەلىم ھەزەر تەسلىم بولۇپ، ئىتتىپاق پارچىلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.