Uyghurئاساسىي لۇغەت
جەھرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ئاشكارا>، <ياڭراق> دېگەنلىك بولۇپ، خۇفىيەنىڭ <پەس ئاۋازدا ئوقۇشى> بىلەن زىت. بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىغا مەنسۇپ تۆت سۈلۈكنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، <ئۈنلۈك ئوقۇيدىغانلار> دېيىلىدۇ. ئۇلار قىرائەت قىلغاندا مۈرىسىنى ئوڭغا، سولغا تەۋرىتىپ تۇرىدۇ. بۇ سۈلۈكنى مامىڭشىن 1736 - يىلىدىن 1759 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرغان.
20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئىتىقادىنى ساقلاپ قالغاندىن باشقا، ئىمامغا تېۋىندۇ ھەم ئىمامنى ئىلاھلاشتۇرىدۇ. ئۆتكەنكى ئىماملارنىڭ ياراتقان ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىىرنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئىمامنىڭ گۈمبىزىنى تاۋاپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قائىدە - يوسۇندا ھەنەفىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىدۇ. ئىمامغا ئەگىشىپ قىلىنىدىغان تەرىقەت ئىستىقامىتى جەھەتتىكى تائەت - ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. زىكر سالىدۇ، مىستىتسىزملىق شەكىل بىلەن ھەمدۇسانا ئوقۇيدۇ. ئۆز سۈلۈكىنىڭ ئىجازەسىنى قىرائەت قىلىدۇ ۋە نەفلە زورا نامىزى ئوقۇيدۇ. قىرائەت قىلماي، تاماق يېيىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئىنتىزامى چىڭ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇغاندا ئالتە قىرلىق بۆك كىيىشى، مۇسۇلمانلار ئىش قىلماقچى بولسا ئىمامدىن ئىجازەت سورىشى، ئۆز سۈلۈكىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكى لازىم. بۇلار <ئەھلى جەدىت> مۇ دېيىلىدۇ. تارىختا بۇلار چىڭ سۇلالىسىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە كۆپ قېتىم كۈرەش قىلدى. ئۇنىڭ <شاگۇ>، <بېيشەن>، <بەنچاۋ>، <نەنچۇەن> دىن ئىبارەت تۆت شۆبە سۈلۈكى بار. ئۇلار ئاساسلىقى نىڭشادىكى گۇيۈەن، يىڭنەن رايونلىرىغا، گەنسۇدىكى يتەنشۇي، چىڭلياڭ رايونلىرىغا ۋە لەنجۇ شەھىرىگە تارقالغان. جۇڭگودىكى سۈلۈكلەر ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئادىمى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى دائىرىسى ئەڭ كۆپ.