Uyghurئاساسىي لۇغەت
جىدال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جەڭ، ئۇرۇش؛ نىزا، جاڭجال؛ توپىلاڭ:
تۈزەلدى يەنە ئىككى ياندىن يەسال،
يەنە ئاشكار ئولدى رەسمى جىدال.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جىدەل، تالاش، غوغا، نىزا؛ ئۇرۇشماق، مۇشتلاشماق (<جەدەل> گە ئوخشاش).