Uyghurئاساسىي لۇغەت
جازا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
گۇناھ. جىنايەتكە كۆرۈلىدىغان چارە.
جازا قانۇنى، تەن جازاسى، قاماق جازاسى، ئۆلۈم جازاسى.* جازا مەيدانى، جازا لاگېرى.* جازالىماق، جازا بەرمەك، جازا ھۆكۈم قىلماق.* جازا تارتماق.* ئۆلمەكنىڭ جازاسى _ كۆمۈش.* ئاچلىق قەدرىنى بىلسەڭ، ئاچلىق بەرسۇن جازاڭنى.
يامانلىق قىلىپ بولما شادىمان،
جازاسىنى تارتىدۇ ئاخىر يامان.
« جازا » ئېغىز تىلىدا « جاجا » مۇ دېيىلىدۇ: جاجىسىنى بەرمەك جاجىسىنى يېمەك. * جاجىسى بىر تال ئوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلمىشىغا يارىشا كۆرۈلگەن تەدبىر.
تەنبىھ _ تەربىيىنى ئاساس قىلىدۇ.
چارە _ كۆپرەك مەمۇرىي جەھەتتىن بولىدۇ.
جازا _ قانۇنىي جەھەتتىن بولىدۇ.
تۇرسۇنغا تەنبىھ بېرىلىدۇ. مەمۇرىي ئىنتىزامنى بۇزغان مامۇتقا چارە كۆزۈلىدى. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ خىيانەت قىلغانلار قانۇنىي جازا بېرىلىشكە يوللىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكەببۇرلۇققا دائىر.
خورىكى چوڭ. خورىكى ئېگىز. خورىكى ئۆسمەك. خورىكىنى ئېلىپ قويماق. خورىكى چوڭنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك. دىمىغى ئۆسۈپ قاپتۇ. دىمىغى ئېگىز تاشقا پۇتلىشار. دىمىغى ئۈستۈن ئازگالدا ئۆلەر. كىبرىسى بار. كىبىر قىلغان كېيىن قالار. جازىسى بار. جازىسى ئۈستۈن. ئۇ جازىسى ئۈستۈن نېمە ئىكەن. سەندە بار جازا، ئۇنىڭدىمۇ بار. ئاۋۇ خوتۇننىڭ ھالىنى ئۆتۈكۈمنىڭ نالىنى. ھالى چوڭ ھەممىدىن ئايرىلار. ھالى بارنىڭ نازى بار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش ھېسسى: كىبرى بار، ھالى بار، جازىسى بارلىق.
كىبرى قىلساڭ، كېيىنلىكىڭنى ئويلا. سانسىزغا سان تەگدى، ئىشتانسىزغا ھال. ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت. جازىسى ئۈستۈن كىشى جامائەتكە ياقمايدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
كىبرى .
جازىسى بار، جازىسى يوق.* جازا كىرىپ قالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بىناكارلىقتا بادار، توم تۆمۈرلەردىن ۋاقىتلىق قۇراشتۇرۇلغان قۇرۇلما.
2. ئېتاژېركا . كىتاب جازىسى.
3. رام، رامكا. سۈرەت جازىسى.