Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاراھەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<تىب> يارا، چاقا؛ يارا چىققان، زە
كۆچمە. زەرەر، زىيان - زەخمەت، دەخلى، كاشىلا.
زاۋۇت رەھبەرلىكى <مەدەنىيەت ئىنقىلابى> نىڭ جاراھەتلىرىنى تۈگىتىشكە ناھايىتى زور قەدەم تاشلىماقتا ئىدى.
كۆچمە. يۈرەكتىكى دەرد - ئەلەم، ئېغىر خاپىلىق، كۆڭۈلسىزلىك.
مۇبادا، شەمەر مۇشۇ ئىش بىلەن ئۇنىڭ قەلبىگە جاراھەت سالسا مەيلى.