Uyghurئاساسىي لۇغەت
جامبۇل
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1945) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق قازاق ئاقىنى. نامرات چارۋىچى ئائىلىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىدىن باشلاپ ئۆلەن ئېيتىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدە كولخوزغا قاتناشقان ھەمدە قازاقىستان رېسپوبلىكىسى ئالىي سوۋېتىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى شېئىرلىرىدىن <قىدىرباينىڭ ئىتى>، <غەزەپ ناخشىسى> ۋە <ئۆزگىن باتۇر> قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭدا قازاق ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئىدىيە، ئۈمىد - ئارزۇ، تۇرمۇشى ۋە كۈرەش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، سوۋېت ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <ۋەتىنىم>، <قوراللانغان خەلق> ناملىق داستانلاrنى؛ <ئۆكتەبرگە مەدھىيە>، <لېنىن بىلەن ستالىن> قاتارلىق ناخشىلارنى يېزىپ داھىي، ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى ھاياتنى كۈيلىگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە <لېنىنگرادلىقلار، مېنىڭ ئوغلۇم>، <موسكۋاغا بېغىشلايمەن>، <ۋەتەن بۇيرۇقى> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، فاشىست تاجاۋۇزچىلارنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ ۋەتەننى قوغداش يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلىشىغا ئىلھام بەرگەن.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، جامبۇل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر تالاس دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا، تۈركمەنىستان — سىبىرىيە تۆمۈريولىنىڭ تۇتاشقان يېرىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 264 مىڭدىن ئاشىدۇ (1979). جامبۇل ئاتاقلىق قەدىمىي شەھەر، <يىپەك يولى> دىكى مۇھىم سودا مەركىزى. مىلادى 10 - ئەسىرىدىن 12 - ئەسىرگىچە قاراخانى خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. 1938 - يىلى ھازىرقى نامىغا ئۆزگەرگەن. شەھەردە خىمىيە، قوي يۇڭىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، تېرە - خۇرۇم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ بار. شەھەردە چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتر ئىستانىسى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، تەزكىرى مۇزېيى بار.