Uyghurئاساسىي لۇغەت
جالالىدىن رۇمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<مەۋلانە> دەپ ھۆرمەتلىنىدۇ. پرسىيىدىكى تەسەۋۋۇپچى شائىر ۋە تەسەۋۋۇپچى مەۋلەۋىيەگە ئاساس سالغان ئادەم. بەلختە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى بەلختە دائى بولغان. كىچىكىدە دادىسى بىلەن باغدات، مەككە، دەمەشىق قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قونيادا (ھازىرقى تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە) ئولتۇراقلاشقان. دادىسى شۇ يەردە مۇددەرىسلىك قىلىپ، دەرس ئۆتۈۋېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. تەسەۋۋۇپچى شەمسىددىن مۇھەممەد تەبرىز (؟ - 1247) ساياھەت قىلىپ قونياغا بارغاندا ئىككىيلەن تونۇشۇپ قالغان. جالالىددىن رۇمى ئۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، ئىلمىي تەتقىقاتتىن تەدرىجىي ۋاز كېچىپ، تەسەۋۋۇپچىلىققا بېرىلگەن. پەلسەپىۋى ئىدىيىدە يېڭى ئەپلاتونىزمنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنسان يېتىشىدىغان ئالىي چەك <فەنا>، يەنى ئاللا بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كېتىش، دەپ قارىغان. جالالىددىن رۇمى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلنى ئاساس قىلغان دىنىي مۇراسىمنى يارىتىپ، بۇ مۇراسىمنى مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن. قونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆزى سالغان مەسچىتكە دەپنە قىلىنغان. جالالىددىن رۇمىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى سۇلتان ۋەلەد (؟ - 1312) مەۋلەۋىيەنى ئۇيۇشتۇرغان. جالالىددىن رۇمىنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق داستانى - <مەسنەۋى مەنەۋى> ناملىق ئەسىرىنى تەسەۋۋۇپچىلار <قۇرئان كەرىم> قاتارىدا ھۆرمەتلىگەن. بۇ پارس ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەر بولۇپ، تۈركچىگە، ئەرەبچىگە ۋە ئوردوچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، جالالىددىن رۇمىنىڭ <شېئىرلار توپلىمى> ۋە <سۆزلەر توپلىمى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.