Uyghurئاساسىي لۇغەت
جايلىماقⅠ
جايلىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر جايغا، بىرەر نەرسىنىڭ ئىچىگە سالماق؛ ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق:[مىسال:] ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسىنى لاتىغا يۆگەپ، تۆش يانچۇقىغا جايلىدى.[يەشمىسى:] ② تەخ ھالەتكە كەلتۈرمەك، ھازىرلىماق:[مىسال:] بىر ئاز پۇل جايلاپ، بىر تاغار ئاشلىق سېتىۋالدىم-دە، ئۇنى قاسىم ئاكامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلدىم.[يەشمىسى:] ③ قاملاشتۇرماق، ئەپلىمەك:[مىسال:] ئۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزنى جايلاپ قىلالمايدىغان بىر بالا ئىكەن.[يەشمىسى:] ④ دالدىغا ئالماق، چەتكە ئالماق:[مىسال:] شۇ چاغدا ياردەمچىسى ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تارتىپ: ئۇستام، ئۆزىڭىزنى تېز جايلاڭ دەپ توۋلىدى.[يەشمىسى:] ⑤ بىرەر ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك، مۇۋاپىق بېجىرمەك، بەجا كەلتۈرمەك؛ ئامال قىلماق، ھەل قىلماق:[مىسال:] ئەمىسە، سەن چىقىپ، ئەپەندىم ئۆيدە يوق دەپ قويغىن، قالغىنىنى ئۆزۈم جايلايمەن، دەپتۇ ئەپەندىم.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىر ۋاسىتە بىلەن ئالدىماق، قولغا چۈشۈرمەك:[مىسال:] موللا قارىم دەپ ئۆز ئاكامدىن ئارتۇق كۆرۈپتىمەن. ئاخىرى كېلىپ مېنى جايلاپ كەتتى، دېدى ئۇ موللا زەيدىنگە قاراپ.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەدىپىنى، جازاسىنى بەرمەك؛ يوقاتماق:[مىسال:] چېرىكلەردىن پەقەت بىر نەچچىسىلا قالدى. ئۇلارنى جايلىۋېتىپلا، بېرىپ نەسىردىن بىلەن قوشۇلىمىز.