Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
جاگىر
دائىرە: دۇنيا تارىخى扎吉尔
zhā jí ěr
ئەسىردىكى ھىندىستاننىڭ ھەربىي سۇيۇرغال يەرلىرى. دەسلەپ ⅩⅢ ئەسىردە دېھلى سۇلتانلىقى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇنداق يەرلەر نامدا دۆلەتكە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سۇلتانغا بىۋاسىتە قارايدىغان يەر مۈلكى پەقەت ئاز بىر قىسىمىنىلا ئىگىلەيتتى، كۆپ قىسمى <جاگىر> سۈپىتىدە ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بېرۋېتىلگەن. بۇنىڭغا ئېرىشكەنلەر <جاگىردار> دەپ ئاتالغان. جەگىرغا ۋارىسلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىرى پەقەت ئۆز سۇيۇرغال يەرلىرىدىن ئىجارە بېجى ئېلىش ھوقۇقىدىنلا بەھرىمەن بۇلالايدۇ ھەمدە يېرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ ساندا ئاتلىق ئەسكەر تەيىنلەپ، چاقىرىققا بىنائەن جەڭگە ئاتلىنىشقا ھەر قاچان تەييار تۇرىدۇ. موغۇل ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بۇ تۈزۈم داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىپ، ئىمپېرىيىنىڭ فېئودال يەر ئىگىدارچىلىقىنىڭ ئاساسى شەكلى بولۇپ قالغان. ئىمپېرىيىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ جاگىر يەرلەرمۇ بارا - بارا مىراس قالىدىغان سۇيۇرغال يەرلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.