Uyghurئاساسىي لۇغەت
جاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
خەنزۇلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابى. مىستىن ياسىلىدۇ: بىر خىلى بىر _ بىرىگە ئۇرۇپ چېلىنىدۇ؛ بىر خىلى چوكا، چوماق بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدۇ.
جاڭ ئۇرماق، جاڭ چالماق.* جاڭچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدارى سۆز
ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى.
بىر جاڭ ئون چىغا ياكى 3.33 مېتىرغا تەڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
شېۋە، زۇكام.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز
« جاڭ » ئۇرۇشتىن چىققان ئاۋاز.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
جاڭ - ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر جاڭ 10 چى (جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر چى 19.9 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى)، يەنى 199 سانتىمېترغا تەڭ ئىدى. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن 10 جاڭ بىر يىن (引) دەپ ئاتالغان؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە 180 جاڭ بىر چاقىرىمغا تەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو دەۋرىدە 150 جاڭ بىر چاقىرىم قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. قەدىمدىن بۇيان بىر چى 3 /1 مېتر بويىچە ھېسابلىنىپ كەلگەنلىكتىن، 150 جاڭ توپ توغرا 500 مېترغا تەڭ قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر دېھقانلار ئارىسىدا بازار سىستېمىسىدىكى بىرلىك قىلىپ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
مېتاللارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن ھەم ئەينەك، چاقچۇق قاتارلىقلارنىڭ يەرگە چۈشۈپ پارچىلىنىشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىستىن ياسىلىدىغان بىر خىل چالغۇ، ئوتتۇرىسى دومباق، چۆرىسى تۈز تاۋاق شەكلىدە بولىدۇ. ئادەتتە ئىككىسىنى بىر - بىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق چېلىنىدۇ.
مىستىن ياسىلىدىغان بىر خىل چالغۇ، تەخسە شەكلىدە بولۇپ چوكا بىلەن چېلىنىدۇ.