Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېزا مەھكىمىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەرلىك تۈزۈمنىڭ بىرى. لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، پايتەختتە مەنسەپكە قويۇلغان ئەمەلدارلار ئۆز يۇرتى بويىچە پايتەخت مەھكىمىسى تەشكىل قىلغان ھەمدە يېزىلاردا يېزا مەھكىمىسى تەشكىل قىلغان. پايتەخت مەھكىمىسىگە ئايماق، ناھىيىلەردىكى مۇشتۇمزورلار ئىچىدىكى مەرتىۋىلىكلەرنى باش ئەمەلدرار قاتارلىق مەنسەپلەرگە قويغان. ئايماقلارغا بەش كىشى، ۋىلايەتلەرگە تۆت كىشى، ناھىيىلەرگە ئۈچ كىشى قويۇلغان، ئۇلار يېزا ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈش، ئەمەلدارلارنىڭ قۇل - دېدەكلىرىنى نازارەت قىلىش، ئەدەب - ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان، ئىتتىپاقسىزلىق قىلغانلارنى نازارەت قىلىش، پەرمەندارلارنى ئەخمەق قىلغانلارنى جازالاش، مەنسىپىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى خارلىغانلارنى مەنسەپتىن قالدۇرۇش، يېزا ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاش قاتارلىقلارنى باشقۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتىلگەن. 1467 - يىلى (شىزۇنىڭ 13 - يىلى) خەنجىنداۋدىكى لى شىئەي قوزغىلىڭى مەزگىلىدە يېزا مەھكىمىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى لى شىئەينى قوللاپ، پەرماندارلارنى، مۇپەتتىشلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكتىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1488 - يىلى (چىڭزۇڭنىڭ 19 - يىلى) قايتىدىن تەسىس قىلىنغان. لى سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار، ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەر باشقىدىن تەپتىش مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، يېزا ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرغان، ئۇنىڭ كۈچى كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن، شۇنىڭ بىلەن يېزا مەھكىمىسى ئاستا - ئاستا ئەمەلدىن قالغان.