Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى رايون
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىسپانىيىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇيستەملىكىلەردە تەسىس قىلغان مەمۇرىي رايونى 1535-يىلى قۇرۇلغان. دائىرىسى شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىسپانىيىگە قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە 1568-يىلى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گۋاتىمالان باشقۇرىدىغان گېنېرالغاق اراشلىق رايون ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان. ۋېنسۇئېلا ۋە فىلىپپىنمۇ بىر مەھەل مۇشۇ باشقۇرۇش رايونىغا تەۋە بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىلغان. باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جايى مېكسىكا شەھىرىدە بولغان. 1821-يىلى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.