Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېڭى ئىنسان
دۇنيا تارىخى
新人
xīn rén
پاراسەتلىك، ئەقىللىق ئادەم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى كشىىلەر باسقۇچىدىن كېيىنكى ئىنسانىيەت. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى تاشقا ئايلانغان ئىنسانيەت - گرو - ماگنون كىشىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامانغىچە بولغان ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياشىغان ۋاقتى تەخمىنەن 100 مىڭ يىل. تاشقا ئايلانغان بېجىرىم يېڭى ئىنسان 1868-يىلى ئالدى بىلەن فانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى گرو - ماگنون ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان. شۇڭا ئىنسناىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇشۇ باسقۇچى يەنە گرو ئادەملىرى باسقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: بويى ئېگىز، قول - پۇتىنىڭ ئىلىك بوشلۇق چوڭراق، سۆڭەكلەرنىڭ قىرى كۆرۈنەرلىك؛ باش سۆڭىكى ئېگىز ھەم ئۇزۇن، پېشانىسى تىك، قاش قىرى ئاجىزراق، يۈزى كەڭ، كۆز چانىقى پەس ھەم قىسقا، قاڭشىرى تار ۋە ئېگىز، مېڭە سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن 1300 - 1450 مىللىلىتر كېلىدۇ. كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى يېڭى ئىنسانلار خېلى يۇقىرى ئەمگەك تېخنىكىسىغا ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە. تاش قورال ياساش تېخنىكىسى يۇقىرى، قورال شەكىللىرىمۇ كۆپ. سۆڭەكلەردىن ياسالغان قوراللار ئەپچىل. ئۇلار رەسىم سىزىش، نەققاشلىق قاتارلىق سەنئەتلەرگە قىزىققان. يىغىش ۋە ئوۋلاش تىرىكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. تاشقا ئايلانغان يېڭى ئىنسان ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوكيانىيە قاتارلىق جايلاردىنمۇ تېپىلغان.