Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يېڭى ئەنگلىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى新英格兰
xīn yīng gé lán
ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. ئۇ، بۈگۈنكى ماين، يېڭى ھامىپشىر، ۋېرمونت، ماسساچۇسېتىس، رود - ئايلېند ۋە كوننېكتىكۇتتىن ئىبارەت ئالتە شتاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ نامى توغرىسىدا، بەزىلەر مۇستەملىكە مەزگىلىدىكى ئەنگلىيىنىڭ كاپىتانى جۇن سىمىس (تەخمىنەن 1580 - 1631) بۇ رايوننىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ياقىسىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇشۇنداق ئاتىۋالغان دېسە، يەنە بەزىلەر، شاھزادە كارل (كېيىن كورۇل بولغان، كارل Ⅰ دەپ ئاتالغان) بۇ رايوننىڭ سىمىسنىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزگەن نامى دەيدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.