Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇۋدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇمۇلاتتى، دۈگىلەتتى.
ئەر توپىق يۇۋدى _ ئادەم توپنى يۇمۇلاتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق (يۇۋار _ يۇۋماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاۋار يىغىپ سۇۋ ئاقىن ئىندى ساقىن
قورۇم كەبى ئىزىسىن قۇدى يۇۋار
«يىغىلغان مالنى سەل كەلدى دەپ ھېسابلا،
ئۇ تاشنى يۇمۇلاتقاندەك ئىگىسىنى تۆۋەنگە يۇمۇلىتىدۇ.»
مال توپلاشنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ: توپلانغان مالنى تاغدىن چۈشكەن سەل دەپ ھېسابلا، سەل تاشنى يۇمۇلاتقاندەك ئىگىسىنىمۇ تۆۋەنگە يۇمۇلىتىدۇ.
3 - 82
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈگرىدى.
ئەشيەك يۇۋدى _ ئېشەك يۈگرىدى.
3 - 83
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياردەم قىلدى.
ئەر قاداشىن قۇردى يۇۋدى _ ئادەم يېقىنلىرىنى ئۆز يېنىغا تارتتى، ئۇلارغا كۆپ مال ياردەم قىلىپ كۆڭلىنى ئالدى ( يۇۋار _ يۇۋماق).
3 - 84