Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇرا دەۋرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گىئولوگىيە
ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ ئىككىنچى دەۋرى، تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەپ ئۈچ ئەسىرگە بۆلۈنىدۇ. تەخمىنەن 195 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ، 137 مىليون يىل بۇرۇن ئاياغلاشقان. بۇ دەۋردە تاغ پەيدا بولۇش ھەرىكىتى ۋە شىددەتلىك يانار تاغ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. غايەت زور دىنازاۋۇرلار، ئۇچار دىنازاۋۇرلار ھەم باشلانغۇچ قۇشلار كۆرۈلگەن، ئۆسۈملۈكلەردىن تۆمۈر دەرەخ ۋە ئاق مېۋىلىك دەرەخلەر تەرەققىي قىلغان.