Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك
بىئولوگىيە
高等植物
gāoděngzhíwù
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك تۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مۇخلار، پاپوروتنىكلار ۋە ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مورفولوگىيىلىك جەھەتتە يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماققا دىففېرېنسىيىلىنىدۇ (غول ۋە يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئىچكى تۈزۈلۈشىدە توقۇلمىلار دىففېرېنسىيىلەنگەن بولىدۇ؛ كۆپىيىش ئورگىنى كۆپ ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ؛ زىگوتىسى ئانا تېنى ئىچىدە يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ (تۆرەلمىلىك ئۆسۈملۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇرۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك پەقەت ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىلا كۆرسىتەتتى.