Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇقىرى بېسىملىق سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش
بىئولوگىيە
高压蒸汽灭菌
gāoyāzhēngqìmièjūn
يۇقىرى بېسىملىق ستېرىلىزاتسىيىلەش قازىنىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئاتموسفېرا بېسىمىدىن يۇقىرى سۇ پارى بېسىمىدا تاماملىنىدىغان بىر خىل ئاقما سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش ئۇسۇلى. ئۇ سۇ پارىنىڭ بېسىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ستېرىلىزاتسىيىلەشنى تاماملايدىغان جەريان. بۇنداق قىلغاندا ستېرىلىزاتسىيىلىنىدىغان ماددىنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن مۇمكىنقەدەر ساقلانغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ستېرىلىزاتسىيىلەش قازىنىنىڭ ئىچىدىكى سۇ پارىنىڭ بېسىمى ھەر ديۇيم كۋادراتتا سەككىز فۇنت، تېمپېراتۇرىسى 211 سېلتسىيە گرادۇس بولغان ستېرىلىزاتسىيىلەش ۋاقتى 30 مىنۇت بولىدۇ. ئەگەر سۇ پارىنىڭ بېسىمى ھەر ديۇيم كۋادراتتا 15 فۇنت بولۇپ، تېمپېراتۇرىسىنى 121 سېلتىسىيە گرادۇس قا كۆتۈرۈلسە ستېرىلىزاتسىيىلەشكە پەقەت 15 - 20 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئەينەك قاچىلار، ئوپېراتسىيە ئەسۋابلىرى، ئۆستۈرگۈچ ۋە كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنى ستېرىلىزاتسىيىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ستېرىلىزاتسىيىلەش جەريانىدا قازان ئىچىدىكى گازنى تولۇق چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن گاز چىقىرىش تۆشۈكىنى ئېتىپ، بەلگىلىك بېسىم ئاستىدا، بەلگىلىك ۋاقىت تۇرغۇزۇلسا، ئۈزۈل - كېسىل ستېرىلىزاتسىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.