Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇپىتېر
قۇياش ئائىلىسى
يۇپىتېر − قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ئەڭ چوڭ سەييارە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇمىلاق باداڭ قورسىقىغا1300 دىن كۆپرەك يەر شارىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، يۇپىتېرنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ318 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق سەييارە، ھەمراھ ۋە كىچىك سەييارىلەر قاتارلىق چوڭ - كىچىك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشساقمۇ يۇپىتېرنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كەلمەيدۇ. ئاسترونومىيە ئىلمىدە يۇپىتېرغا ئوخشاش غايەت زور سەييارىلەر «گىگانت سەييارە» دەپ ئاتىلىدۇ، غەرب ئەللىرىدە ئۇ ئاسمان ئىلاھى «زېئۇس» دەپ ئاتالغان.
يۇپىتېر گەرچە چوڭ بولسىمۇ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى خېلى يىراق بولغانلىقتىن، قارىماققا مارستەك يورۇق كۆرۈنمەيدۇ. يۇپىتېرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن12 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا، ھەر يىلى يەر شارى قۇياش بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا بىر قېتىم جايلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق كۈنلەردە، قۇياش ئولتۇرغاندا يۇپىتېر كۆتۈرۈلىدۇ، كىشىلەر تۈن بويى ئۇنى كۆرەلەيدۇ. يۇپىتېرنىڭ ئوربىتا سىرتىغا جايلاشقان باشقا سەييارىلەرمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە.
يۇپىتېر تەخمىنەن12 يىلدا بىر قېتىم يۇلتۇزلار ئاسمىنىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ، ھەر يىلى بىر يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئۆتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە يۇپىتېرنىڭ يۇلتۇزلار ئاسمىنىدا ھەرىكەت قىلىش لىنىيىسى «12 قېتىم» غا بۆلۈنگەن، يۇپىتېر ھەربىر «قېتىم» ئايلانغاندا بىر يىل بولىدۇ، دەپ قارالغان. شۇڭا، يۇپىتېر ئېلىمىزدە يەنە «ئۆمۈر يۇلتۇزى» دەپمۇ ئاتىلىپ، ئۆمۈر يېشىنى ھېسابلاشتا پايدىلانما قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئۆمۈر يۇلتۇزىغا قاراپ ياش ھېسابلاش12 مۈچەلنى ھېسابلاشنىڭ تەكتى قىلىنغان.
يۇپىتېرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى9 سائەت50 مىنۇت بولىدۇ، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ئۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز سەييارە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ياپىلاق شار شەكىللىك ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېكۋاتور دىئامېتىرى بىلەن ئىككى قۇتۇپ دىئامېتىرىنىڭ نىسبىتى93 :100 بولىدۇ. تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە، يۇپىتېر ئېكۋاتورىنىڭ يېنىدا خىرە ھەم يورۇق ئارىلىشىپ كەتكەن بىر بەلۋاغ كۆرۈنىدۇ، سېرىق - يېشىل رەڭ ۋە جىگەر رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ دەل يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسىدىكى بۇلۇت بەلۋېغىدۇر. يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسى ئاساسلىق ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تەركىب تاپقان، قېلىنلىقى1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلار يۇپىتېرنى مەھكەم ئورىۋالغانلىقتىن، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيمىز. يۇپىتېر ئېكۋاتورنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان بىر چوڭ قىزىل داغ بار، ئۇ1665 - يىلى بايقالغاندىن بېرى، ھازىرغا قەدەر يوقاپ كەتمىگەن.
يۇپىتېرنىڭ نۇرغۇنلىغان ھەمراھى بار، ئۇلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. يەر شارىنىڭ پەقەت ئايدىن ئىبارەت بىرلا تەبىئىي ھەمراھى بار، بىراق، يۇپىتېرنىڭ16 دانە ھەمراھى بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئايدىن چوڭ، بەزىلىرى ئايدىن كىچىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ تۆتىنى1610 - يىلى گالىلېي قولدا ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق بايقىغان، شۇڭا، گالىلېي ھەمراھى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەمراھ سىستېمىسىدا قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر سىستېمىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ يۇپىتېر بىلەن بىرىكىشى خۇددى قۇياش سىستېمىسىنىڭ كىچىك بىر «كۆپەيتىلگەن نۇسخا» سىغا ئوخشاپ قالىدۇ.1973
- يىلىدىن بۇيان، ئا ق ش قويۇپ بەرگەن «ئاۋانگارت10 - نومۇر»، «ساياھەتچى1 - نومۇر» قاتارلىق ئالەم كېمىلىرى كەينى - كەينىدىن يۇپىتېرغا يېقىنلىشىپ بېرىپ، يۇپىتېرنىڭ نەچچە مىڭ پارچە رەڭلىك سۈرىتىنى تارتتى. تەكشۈرۈلگەن ماتېرىياللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇپىتېر بىر ئاقار جىسىملىق سەييارە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېن دېڭىزىدىن ئىبارەت. يۇپىتېرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ۋە رادىئاتسىيە بەلۋېغى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ يۆنىلىشى يەر شارىنىڭكى بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ، يەر شارىنىڭ S (جەنۇبىي) قۇتۇپى شىمالىي قۇتۇپنىڭ يېنىدا، يۇپىتېرنىڭ S (جەنۇبىي) قۇتۇپى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يېنىدا بولىدۇ.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىملىقلارنىڭ ئاساسلىق خۇداسى بولۇپ، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى زېۋىسقا توغرا كېلىدۇ. چاقماق، گۈلدۈرماما، بوران - يامغۇرلارنى باشقۇرىدۇ، يورۇقلۇق خۇداسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىمنىڭ ئارمىيە خۇداسى دېگەن نامىمۇ بار. كاپتولى دۆڭلۈكىدە يۇپىتېر ئىبادەتخانىسى بار. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ياكى سەركەردىلەر ھەربىي يۈرۈشتىن زەپەر قۇچۇپ كەلگەندە، قائىدە بويىچە نەزىر - چىراق بۇيۇملىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. خوتۇنى (ھەم بىر تۇغقىنى) يۇنو (يۇنان ئەپسانلىرىدىكى ھېراغا توغرا كېلىدۇ) ۋە باشقا مەبۇدىلەر بىلەن كۆپ پەرزەنت كۆرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇرۇش خۇداسى مارس، قۇياش خۇداسى ئاپوللون، ئەقىل - پاراسەت خۇداسى مىنېراۋا، ئاي خۇداسى دىئانا، مۇھەببەت ۋە گۈزەللىك خۇداسى ۋېنېرا قاتارلىقلار بار؛ <خۇدالارنىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتىلىپ، ئەڭ ئالىي نوپۇزدىن بەھرىمەن بولغان. يۇپىتېر لاتىنچىدا <ئاسمان تەڭرىسى> دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ تەڭرىلىك خۇسۇسىيىتى دېھقانچىلىقتا مول ھوسۇل ئېلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
ئاسترونومىيە
قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن بەشىنچى پلانېتا، قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرى 11.86 يىل بولۇپ بۇ يىل ئاسترونومىيىدە >يوپىتېر يىلى< دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى 9 سائەت 50 مىنۇت، ئۇ توققۇز پلانېتا ئىچىدىكى ھەجمى ئەڭ زور پلانېتا بولۇپ، ھەجمى يەر شارى ھەجمىنىڭ 1295 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، 14 ھەمراھى بار.