Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇنكېر
دۇنيا تارىخى
容克
róng kè
نېمىسچە Junker نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. <Jungherr> دېگەن سۆزدىن كەلگەن، مەنىسى پومېشچىكنىڭ ئوغلى، كىچىك خوجايىن ياكى ياش ئاقسۆڭەك دېگەن سۆز بولۇپ، پېرۇسسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنى ۋە چوڭ پومېشچىكلار سىنىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ⅩⅥ ئەسىردىكى شەرقىي پرۇسسىيىنىڭ ئاقسۆڭەك رىتسارلار تەبىقىسىدىن كەلگەن. ئارمىيە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت مونوپول قىلىۋېلىپ، نۇرغۇن يەر ۋە جاڭزىلارغا ئىگە بولۇۋېلىپ، فېئوداللىق ئېكسىپلاتاتسىيىنى يولغا قويغان. تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرگە ئىگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېرىم فېئوداللىق شەكىلدىكى ئاقسۆڭەك پومېشچىكلارغا ئايلانغان. پېرۇسسىيە ۋە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ تۈۋرۈكى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىر سىنپ سۈپىتىدە، ئاساسەن يوقىتىلغان.
ھەربىي
士官生
shì guān shēng