Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇنچىغ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوسال،يامان، ئەسكى.
يۇنچىغىش _ ئوسال ئىش، يامان ئىش. يۇنچىغ ئەر _ ئوسال ئادەم. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆزلەك ئارىغ كەۋرەدى
يۇنچىغ ياۋۇز تاغرادى
ئەردەم يېمە ساۋرادى
ئاژۇن بەگى چەرتىلۈر
زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى،
ئوسال (كىشىلەر) تەۋرىدى،
پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،
دۇنيا بېگى يوقىلىپ.
زامان ئاجىزلىدى، ئوسال، ئەسكى ئادەملەر كۈچىيىپ قالدى، زامان ئەھلى دۇنيانىڭ بېگى ئافراسىياپنىڭ ئۆلۈشى بىلەن پەزىلەتلىك كىشىلەردىن مەھرۇم بولدى.
3 - 54