Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇنان ئەپسانىلىرى
دۇنيا ئەدەبىياتى
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەپسانە، رىۋايەتلىرى ئىچىدە، قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، ئەڭ مول مەزمۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ. يۇنان ئەپسانىلىرى ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، نەچچە100 يىل ئېغىزلاردا تارقىلىپ، كېيىن نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ، تارىخچىلارنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ ئۈزلۈكسىز رەتلىشى ۋە پىششىقلىشى ئارقىسىدا بىرقەدەر مۇكەممەل ئەپسانىلەر سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەنگەن.
يۇنان ئەپسانىلىرىدە يۇنان ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئادەملەر كۈچلۈك تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلاتتى، شۇڭلاشقا ئادەملەر تۈرلۈك تەبىئەت كۈچلىرىگە سىمۋول قىلىنغان ئىلاھلارنى ئىجاد قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى يۇنانلىقلار تەدىرىجىي ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن، شۇڭلاشقا ئەپسانىلەردىكى ئىلاھلار بارغانسېرى ئىنسانلاشقان. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئىلاھقا ئايلانغان ئادەملەر، قەھرىمانلار ۋە يېرىم ئىلاھلار پەيدا بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئىلاھلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ۋە قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈر بار.
ئىلاھلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەيدا بولۇشى، روھنىڭ پەيدا بولۇشى، نەسەب، شۇنىڭدەك ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەلمىساقتا، تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تۆرەلگەن ئىلاھلار ئارىسىدا گەييا ئىسىملىك بىر زېمىن ئانا بار ئىكەن، ئۇ ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇسنى تۇغۇپتۇ. ئۇرانۇس يەنە گەييادىن ئالتە ئوغۇل، ئالتە قىز پەرزەنت كۆرۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نامى تىتان دەپ ئاتىلىپتۇ. ئۇرانۇس پەرزەنتلىرىنى يەر ئاستىغا سولاپ قويۇپتىكەن، ئوغلى كرۇنوس قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئاتىسىنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋاپتۇ ھەم سىڭلىسى رۇييانى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. كرۇنۇس ئۆزىنى كەلگۈسىدە بىر ئوغلى ئاغدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، پەرزەنتلىرىنى يەۋېتىپتۇ. لېكىن، كىچىك ئوغلى زىۋېسنى رۇييا يوشۇرۇپ قاپتۇ. زىۋېس بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن، دېگەندەكلا كرۇنوسنى مەغلۇپ قىلىپ، بارلىق ئىلاھلارنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئولىمپىيە ئىلاھلار ھۆكۈمرانلىقىنى ئورنىتىپتۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇن پەرزەنتلىرى ھەرقايسىسى مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىلاھلارغا ئايلىنىپتۇ.
قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ قەدىمكى تارىخ توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرى بولۇپ، ھەرقايسى ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ كۈرەشلەردە تۆھپە ياراتقان قەھرىمانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش مەزمۇن قىلىنغان. بۇ قەھرىمانلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھ بىلەن ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، تېنى ساغلام، كۈچلۈك، ھەممىدىن ئەقىللىق، بۇ قەدىمكى يۇنان ئەمگەكچى خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى ئۈمىدۋار روھىنى ۋە ئەمگەكچان، باتۇر، ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن، ئەجدىھالارنى ئۆلتۈرۈپ، جىن - ئالۋاستىلارنى يوقىتىپ،12 خىل تۆھپە قوشقان ھېراكلېس؛ نۇرغۇن جاپا، خېيىمخەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئالتۇن قوي يۇڭىنى تاپقان ياسون ۋە «ئارگو» كېمىسىدىكى قەھرىمانلار؛ ئېزىتقۇ سارايغا كىرىپ، مىنۇتائورنى ئۆلتۈرۈپ، خەلققە بەخت ياراتقان تېسۇس قاتارلىقلار.
ماركس: »يۇنان ئەپسانىلىرى پەقەت يۇنان سەنئىتىنىڭ خەزىنىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تۇپرىقىدۇر« دېگەنىدى. يۇنان ئەپسانە، رىۋايەتلىرى قەدىمكى يۇناننىڭ ھەر خىل ژانىردىكى بەدىئىي ئىجادىيىتىنى مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللەنگەندىن كېيىنكى ياۋروپا ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ سىنىپىي جەمئىيەتتىن ئىلگىرىكى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىڭلىغان پېرسوناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى غۇرۇرى، قەيسەرلىكى، باتۇرلۇقى، ئۈمىدۋار روھىنى ئىپادىلىگەن، ئۇنىڭدا جانلىق، قىزغىن، جۇشقۇن تۇرمۇش كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار «مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچ» كە ئىگە ئەسەردۇر.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زامان يۇناندىكى خۇدالار ۋە قەھرىمانلار توغرىسىدىكى رىۋايەت بىلەن ھېكايىلەر. قەدىمكى زاماندا يۇنانلىقلار پولىتېئىزم (كۆپ خۇدالىق دىن) غا ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇلار تەسەۋۋۇردىكى خۇدا زېۋىس ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خۇدا ۋە مەبۇدىلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىرماش - چىرماش مۇرەككەپ، مول، كۆپ خىل ئەپسانىلەرنى توقۇپ چىققان. ھېسسىئود (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅷ ئەسىرلەر ئەتراپىدا ئۆتكەن) نىڭ <مەبۇدىلەر شەجەرىسى خاتىرىسى> دە ئېيتىلىشچە يۇنانلىقلار: ئالەم دەسلەپ بىر پارچە تۈتەك (خائوس) ھالەتتە بولغانمىش، يەر ئانا گىياھ (ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇسنى) تۇغقانمىش، ئۇلاردىن خۇدالار جەمەتى - تىتانلار تۇغۇلغانمىش، بۇ خۇدالار جەمئىي 12 (ئالتە قىز، ئالتە ئوغۇل) بولۇپ، بۇلار ئارىسىدىكى كرونۇس بىلەن رېيە زېۋىسنى تۇغقانمىش. زېۋىس ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھېرا بىر توپ ئوغۇل - قىز خۇدالارنى باشلاپ بېرىپ ئولىمپۇس تېغى (شىمالىي گرېتسىيىدە) دا تۇرغانمىشل ئەپسانىلەردە دائىم تىلغا ئېلىنىدغان خۇدالار ئۇرۇش خۇداسى ئارېس، ئوت خۇداسى گېفېست، قۇياش خۇداسى ئاپوللون، ئىشق - مۇھەببەت خۇداسى ئافرودىت، دانالىق خۇداسى ئافىنا، دېڭىز خۇداسى پوسېيدون، دېھقانچىلىق مەبۇدىسى دېمېتېر (زېۋىسنىڭ ئايالى)، سودا - سېتىق خۇداسى ھېرمېس، ئاي مەبۇدىسى ئارتېمىس، ئوچاق خۇداسى ھېستىيا (زېۋىس بىلەن ھېرا قوشۇلۇپ 12 تەڭرى بولغان) لاردىن ئىبارەت. يۇنانلىقلار بۇ خۇدالارنى ئاقسۆڭەكلەرچە باياشات تۇرمۇش كەچۈرىدۇ دەپ قىياس قىلغان ھەمدە كىشىلەرگە ئوخشاش ئوبراز ۋە مىجەز - خۇلققا ئىگە يەنى <ئانتىروپومورفىزملىق> (تەڭرى بىلەن ئىنسانلار قىياپەت، مىجەز جەھەتتە ئوخشاش بولۇش) خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارىغان. يۇنان ئەپسانىلىرىدە قەدىمكى يۇنانلىقلارنىڭ تەبىئەت ۋە كىشىلىك جەمئىيىتىگە بولغان خىلمۇخىل خىرە، خىيالى تونۇشى ئەكس ئەتكەن؛ بۇلار مەزمونغا باي، كۆپ خىل بولغان قەدىمكى يۇنان ئەدەبىيات - سەنئىتىنى مول سيۇژىت بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە قەدىمكى رىم ۋە كېيىنكى دەۋردىكى غەرب ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. قەدىمكى رىملىقلار ئېتىقاد قىلغان خۇدالار ئاساسەن يۇنان خۇدالىرىنىڭ ئەينەن قوبۇل قىلىنىشى ياكى كۆچۈرۈلمىسى بولۇپ، ئۇلارغا پەقەت لاتىنچە ئاتا قويۇلغان خالاس.