Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۇمماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇمماق. كۆز يۇمماق؛ بىپەرۋالىق قىلماق؛ كۆرمەسلىككە سالماق، ئۆىن بىپەرۋا قىلىپ كۆرسەتمەك.
توسىماق، يوقاتماق.
كەچمەك، ۋاچ كەچمەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوچۇق، ئاشكارا، كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالەتنى يېپىق، يوشۇرۇن، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئاچماق
يېپىق، توسۇق، يوشۇرۇن ھالەتنى ئوچۇق، راۋان، ئاشكارا ھالەتكە كەلتۈرمەك.
ئاش كەلسە ئاغزىڭنى ئاچ، سۇ كەلسە سۈڭگۈچنى. دېرىزەڭنى ئاچ، تىنچىقتىن قاچ. چوشقىغا ئالتۇن يوپۇق ياپساڭمۇ چوشقا. سېخىي ئېچىپ يەيدۇ، بېخىل يېپىپ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە. كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر. ئاچسام ئالقىنىمدا، يۇمسام سىقىمىمدا. ئاغزىڭنى يۇم، يوق گەپنى قىلما.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بېكىتمەك؛ تاقىماق، ئەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆز، ئېغىز، قول قاتارلىق ئېچىلىدىغان، يېپىلىدىغان نەرسىلەرنى بىر - بىرىگە تەگكۈزۈپ ھىم قىلماق. بىرىكتۈرمەك.
كۆز يۇمماق. ئاغزىنى يۇمماق.