Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
يۇلتۇزسىمان تەنچە
دائىرە: بىئولوگىيە星体
xīngtǐ
ھايۋان ھۈجەيرىلىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈش جەريانلىرىدا مەركىزىي تەنچە (دانىچە) نى ئورىغان ھالدا ھاسىل بولىدىغان يۇلتۇزسىمان تۈزۈلۈشتۇر، يەنى مەركىزىي تەنچە (دانىچە) نىڭ تۆت ئەتراپىدىن قىسقا مىكرو نەيچىلەرگە مەنسۇپ بولغان يۇلتۇزسىمان يىپچىلەر چېچىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ يىپلىق بۆلۈنۈشى جەريانىدا مەركىزىي تەنچە (دانىچە) كۆزىتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يۇلتۇزسىمان تەنچىلىك تۈزۈلۈشنى كۆرۈش مۇمكىن. يۇلتۇزسىمان تەنچە ئۇرچۇقسىمان تەنچىنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ھۈجەير بۆلۈنۈشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە خروموسومىلارنىڭ ئىككى قۇتۇپقا قاراپ سىلجىشىغا نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. <مەركىزىي دانىچە>، <يىپلىق بۆلۈنۈش> گە قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.