Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈزلۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئابرۇي ئىناۋەتكە ئىگە، يۈز تاپقان.
ئابرۇيلۇق ئادەمنى ھەرىمۇ چاقمايدۇ. ئىناۋەتلىك ئادەم _ ھەقىقىي ئىنسان. پۇللۇق بولغۇچە، يۈزلۈك بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يۈز - چىرايى بار.
ھېلىقى ئورۇق يۈزلۈك، يېشى توختىغان ئىشچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى.
سۈپ. يۈز ئابرۇيى بار، ئىززەت - ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ھۆرمەتلىك.
ھازىر ئۇ ناھىيىدە خېلىلا يۈزلۈك رەھبىرىي كادىر.
ئى <مۇز> دۇتار، تەمبۇر، راۋابقا ئوخشاش سازلارنىڭ يۈز تەرىپىگە ئورنىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان ماتېرىيال، شۇنىڭغا كېرەكلىك دەپ تەييارلانغان نەرسە.
ئى. كارۋانلار قوش تىككەندە قوشنىڭ يۈزىگە ياپىدىغان كىگىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
100 بىلەن ئىپادىلەنگەن، مىقدارى 100 بولغان.
يۈزلۈك ئۈلۈش.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
خەلقنىڭ يۈزىنى تۇتقۇچى؛ خەلقنىڭ ئابرۇيىنى كۆتۈرگۈچى.