Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈرۈشى بار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چاي - مۇراسىملارغا لايىقىدا يۈرۈش، سوۋغات ئېلىپ بارىدىغان، سوۋغات كۆتۈرۈشتىن قاچمايدىغان.
ئۇنىڭ ئانىسى مېھماندوست، يۈرۈشى بار ئايال ئىدى.
قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ئىش قاملاشتۇرالايدىغان، ئېپى بار.
- بىزنىڭ ئوغۇلنىڭ خېلى يۈرۈشى بار جۇمۇ، - دېدى ئۇ شەرىپىگە ئوغلىنىڭ تەرىپىنى قىلىپ.
مېڭىشى ياخشى، ئوبدان ماڭىدىغان، ياخشى يۈرۈشى، مېڭىشى بار (ئات - ئۇلاغلار ھەققىدە).
يۈرۈشى بار ئات.