Uyghurئاساسىي لۇغەت
يۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇتنى ئۆتۈشتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرمەك.
ئۇ داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەردە يۈرۈپتۇ. ئاستا يۈرگەن تاغ ئاشار. نېسىۋەڭ تاپالمايسەن، ئولتۇرساڭ قېلىپ ھايال، سۇ ھەم دان كەينىدىن ماڭ تۈگمەن تېشى سال. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. باسقان ئىزىڭنى بىلىپ باس، ئالدى - ئارقاڭنى بىلىپ باس. قەدەم تاشلىغان ئىكەنسەن، ئىشىڭ ھەق ئىكەن. ئىككىلەنمە، ئارقىغا قايتما. تۆگە خورمىزارغا قەدەم قويسىلا، ئاغزى مەزە قىلار، تىكەن يېسە ھەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قەدەم تاشلىماق، ئالغا باسماق، ئىلگىرىلىمەك.
توختىماق، تۇرماق
قارار تاپماق، ئورۇنلىشىپ قالماق، قەدەمنى توختاتماق.
ئىتتىك يۈرگەن قىر ئاشار، ئاستا يۈرگەن تاغ. ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان. ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ. تۇرغانلارغا تۈۋرۈك بول، ماڭغانلارغا كۆۋرۈك (بول). تۇرغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، ماڭغانلارنى يەيلى. ئىت كاللىسى تەخسىدە تۇرماس. قاتناش توختىدى. بال مېڭىشنى يىقىلىشتىن ئۆگىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قەدەم ئېلىپ ھەرىكەتلەنمەك، ماڭماق؛ بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا قاراپ يول ئالماق، قەدەم تاشلىماق.
يولۋاسنىڭ ئارقىسىدىن يۈرسەڭ يۈر، خوتۇننىڭ ئارقىسىدىن يۈرمە (ماقال).
ئۆزى بىلگەن يەرلەردە بولماق؛ سەيلى - ساياھەت قىلماق، كەزمەك، ئايلانماق.
مېھماننى ئۆيگە چىللاپ، ئۆزى يۈرەر ئەر سوراپ (ماقال).
ياشىماق، ھايات كەچۈرمەك، مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق.
يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگىچە (ماقال).
بىرەرسى بىلەن بىللە بولماق، ھەمسۆھبەت بولماق، بىرگە تۇرماق.
- مېنىڭ بىلەن يۈرسەڭ زېرىكىپ قالارسەنمىكىن، - دېدى ئۇ ماڭا سىرلىق كۈلۈپ.
شاھمات، قارتا، دامكا ۋە شۇ قاتارلىق ئويۇنلاردا ئۆز نۆۋىتىدە ھەرىكەت قىلماق، ئوينىماق، ماڭماق ياكى چۈشمەك.
- قېنى يۈرە، ئەمدى مات بولمىغىنىڭنى كۆرەي! - دېدى تەلئەت پوچىلىق بىلەن كېرىلىپ.
قىز - يىگىتلەر توي قىلىش مەقسىتىدە ئۆزئارا دوستلارشماق، پۈتۈشمەك، لايىقلاشماق.
- باشقىلاردىن سىزنى يۈرۈۋاتقان يىگىتى بار، دەپ ئاڭلىغانتىمغۇ؟ - دېدى ئۇ زەيتۇنەمگە.
قوزغالماق، سۈرۈلمەك.
- چىڭ تۇت، ئارقان يۈرۈپ كەتمىسۇن، - دېدى ئۇ ۋارقىراپ.
كۆچمە. باراۋەر بولماق، قىممىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن تەڭ بولماق، ئوخشاش بولماق.
مېنىڭ ئىككى قويۇم سېنىڭ بىر موزۇيۇڭغا يۈرمەمدۇ؟
پېئىللارنىڭ چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: 1( ھەرىكەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى ياكى كۆپ تەكرارلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ھازىرغىچە ئۆزىگە ئىش ئورنى ئىزلەپ يۈرىدۇ.
2) رەۋىشداش ئىپادىلىگەن ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاۋارە بولۇش، جاپا چېكىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنچىۋالا ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق.
3( سۆزلىگۈچىنىڭ شۇ رەۋىشداش ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن جۈملىدە ئىپادىلىگەن ھەرىكەتنىڭ بولۇشىنى زادىلا كۈتمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل جۈملىلەر تەئەججۈپلەنگەن ياكى مازاق قىلغان تەرزدە ئېيتىلىدۇ.
ئۇلار ئارقىمىزدىن <بۇ ژۇرنالنى ئالەمدە يوق بىر نەرسە قىلىۋالدى> دەپ يۈرگەنمىش.
4) بولۇشسىز چېتىلما رەۋىشداش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، بولۇشسىز ھەرىكەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىنى بىلدۈرىدۇ.
سىز ئۇنىڭ جادۇگەر ئىكەنلىكىنى تېخىچىلا بايقىماي يۈرىۋاتىسىز.